تۇنجى زەنجىرسىمان ئىگىلىك 1859– يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 152 يىللىق تارىخقا ئىگە بولدى. زەنجىرسىمان دۇكانلار ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتار سېتىش ۋە مۇلازىمەت شەكىللىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئومۇمى پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ %60– %70 ى زەنجىرسىمان دۇكانلاردىن كېلىدۇ.
زەنجىرسىمان دۇكانلار ئۆزىگە خاس بولغان 6S باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە زامانىۋىي ئىگىلىك سۈپىتىدە راۋاجلانماقتا ۋە تەرەققىي قىلماقتا. 6Sباشقۇرۇش سېستىمىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئېبارەت:
1. بىر تۇتاش سېتىۋېلىش 2. بىر تۇتاش تەقسىملەش 3. بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم 4. بىرلىككە كەلگەن سېتىش ئۇسۇلى 5. بىرلىككە كەلگەن باھا 6. بىرلىككە كەلگەن مالىيە تۈزۈمى
شىركىتىمىز 2010– يىلى 4– ئاينىڭ 15– كۈنى خەلقئارا چوڭ بازاردا ئىزچى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى سىناق دۇكىنىنى تەسىس قىلىپ، ئىككى يىلغا يەتمىگەن قىسقىغا ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، كۇچا، قاراقاش قاتارلىق شەھەر ناھىيىلىرىدە ئىزچى زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدىن مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا 7 نى قۇرۇپ چىقىپ كەڭ خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى پايچىك ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك پايدىغا ئېرىشتۈردى.

 

 

1. پەسىل ياكى يىل ئاخىرىدا ئېشىنچە مال بىر تەرەپ قىلىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. بارلىق قالدۇق مالغا شىركەت ئىگە؛
2. ھەرقايسى تارماق دۇكانلار ئەركىن مال ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قانداق سودا پۇرسىتى قولدىن بېرىلمەيدۇ؛
3. شىركىتىمىز كىرگۈزگگن ھەرقانداق مال ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلارغا بىر تۇتاش تەقسىم قىلىنىدۇ، بىر تۇتاش باھادا سېتىلىدۇ؛ ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلار بىر تۇتاش بېزىلىدۇ.
4. بارلىق ئېلان – تەشۋىقات خىزمىتىنى شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؛
5. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ماركىنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلىدۇ؛
6. زەنجىرسىمان دۇكانلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى مەخسۇس سېتىش ئانالىزى قىلىدىغان يۇمشاق دىتال بىلەن بازار تەھلىلى ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلارنىڭ سودا ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ، بازارنى تەھلىل قىلىپ تۇرىدۇ. سودا جەريانىدىكى ھەر تۈرلۈك پايدا – زىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛
7. شىركەت ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلاردىكى خىزمەتچى – خادىملارنى مال سېتىش ۋە مال كىرگۈزۈش تېخنىكىسى بويىچە قەرەرلىك تەربىيەلەيدۇ.

 

 

ئىزچى زەنجىرسىمان سىناق دۇكىنى – ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە
ئىزچى زەنجىرسىمان 1– دۇكىنى – ئۈرۈمچى شەھىرى كونسول كوچىسىدىكى يېڭى ئارمان تاللا بازىرىنىڭ يان تەرىپىدە
ئىزچى زەنجىرسىمان 2 – دۇكىنى – قەشقەر شەھىرى ھېيىتگاھ ئەتراپىدىكى ماي كۇلۇبتا
ئىزچى زەنجىرسىمان 3– دۇكىنى – خوتەن شەھىرى گۈلباغ سودا – سېتىق بازىرىدا
ئىزچى زەنجىرسىمان 4– دۇكىنى – كۇچا ناھىيە ئىخلاس تاللا بازىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بوستان بىناسىدا
ئىزچى زەنجىرسىمان 5– دۇكىنى – ئاتۇش شەھىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىنىڭ دوقمۇشىدا
ئىزچى زەنجىرسىمان 6– دۇكىنى – قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەلق مەيدانىدا

 

 

ئۈرۈمچى ,  قەشقەر ,  غۇلجا ,   خوتەن ,   قاراماي ,   ئاتۇش ,   بورتالا ,  ئاقسۇ ,   سانجى ,   كورلا ,   تۇرپان ,   قۇمۇل

سۆز قالدۇرۇڭ   |   ئالاقىلىشىڭ   |   بىكەت ھەققىدە   |   شىركەت ھەققىدە

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئاق ئالماس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 183 – نۇمۇر

تور مۇلازىمەت ئالاقىسى 闽ICP备11011534号 | QQ: 1582982188 E_mail: 1582982188@qq.com

ئالاقىلشىش قىزىق لىنىيىسى : 5588934 – 0991